UyghurMain Dictionary
ۋولۋوكس
بىئولوگىيە
يېشىل يۈسۈنلەر تىپى. ۋولۋوكس ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۈسۈن تىپى شارسىمان، تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان، سىرتىدا يېلىملىق يېپىنچىسى بولغان كولونىيىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ دىئامېتىرى 1 - 2 مىللىمېتىر بولۇپ، ئۇزۇن ھەرىكەتلىنىدۇ، 125 دانىدىن بىر قانچە ئون مىڭ دانە، ئۇچىدا ئىككى تال قىلئايىغى بولغان ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، ھۈجەيرىلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلغان ھالدا رەڭسىز يىلىملىق كولونىيە يېپىنچىسىنىڭ ئەتراپىغا تىزىلىدۇ. ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى خلامىدومونادا تىپىغا كىرىدۇ. كولونىيىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ھۈجەيرىلەر ۋېگېتاتىۋلىق ھۈجەيرە بولۇپ، پەقەت ئاز ساندىكى ھۈجەيرىلەر جىنسسىز ياكى جىنسلىق كۆپىيەلەيدۇ، يەنى ۋېگېتاتىۋلىق ھۈجەيرە بىلەن كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ئايرىلغان بولىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىشتە، ئاز ساندىكى ئالاھىدە كۆپىيىش ھۈجەيرىسى (gonidium) دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ ھۈجەيرە يېتىلىپ بىرقانچە بالا كولونىيىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئانا كولونىيە يېرىلغاندىن كېيىن بالا كولونىيە قويۇپ بېرىلىدۇ. جىنسلىق كۆپىيىشتە تۇخۇملۇق كۆپىيىش ئۇسۇلى بويىچە كۆپىيىدۇ. ۋولۋوكس كۆل ياكى يىغىلىپ قالغان سۇلاردا ياشايدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ باھار پەسلىدىكى ئۆسۈشى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ساپ كولونىيىگە ئايلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بوتانىكا
يېشىل يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى، ئۇرۇقدىشى، تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ، ئۆسۈملۈك تېنى نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرىسىدە ئىككى تال قامچا تۈكى بولىدۇ، ھەرىكەت قىلالايدۇ. جىنسسىز ياكى جىنسلىق كۆپىيىدۇ.