UyghurMain Dictionary
ۋوگېل
دۇنيا تارىخى
(1835 - 1899) يېڭى زېنلاندىيە زۇڭلىسى (1873 - 1875، 1876 - يىللىرى). لوندوندا تۇغۇلغان. 1852 - يىلى ئالتۇن چايقاش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن. 1861 - يىلى يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئوتاگادا ئالتۇن چىققاندىن كېيىن يېڭى زېلاندىيىگە يېتىپ كەلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە <ئوتاگو كۈنلۈك گېزىتى> نى چىقارغان، بۇ گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، شىمالىي ئارال بىلەن جەنۇبىي ئارالنى بۆلۈۋېلىشتىن ئىبارەت سىياسىي قاراشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ سىياسىي ساھەگە يۆتكەلگەن. 1869 - يىلى مالىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1870 - يىلى ئەنگلىيە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەردىن 10 مىليون فوندستېرلىڭ قەرز ئېلىپ، يېڭى زېلاندىيە ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا بېرىپ زىيارەتتە بولغان. زۇڭلى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، تۆمۈريول، تاشيول، دېڭىز ترانسپورتى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جامائەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان ھەمدە بىر قىسىم قەرز پۇلنى ئاجرىتىپ كۆچمەنلەرنىڭ يېڭى زېلاندىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەم بەرگەن. 6187 - 1881 - يىللىرى يېڭى زېلاندىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى بولغان، كېيىن يېڭى زېلاندىيىگە قايتىپ كېلىپ، روبېرت ستۇت (1844 - 1930) بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن (1884 - 1887). كېيىن لوندونغا بېرىپ يېزىقچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ <بىر ئايالنىڭ تەقدىرى> ناملىق ھېكايىسى بار.