Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېنتۋورس
دۇنيا تارىخى
温特沃斯
wēn tè wò sī
(1793 - 1872). ئاۋسترالىيە سىياسىي ئەربابى. نورفولك ئارىلىدا (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە بۇ ئارالدىن سىدنېيغا بارىدىغان دېڭىز سەپىرى ئۈستىدە) تۇغۇلغان. 1803 - 1810 - يىللاردا ئەنگلىيىدە ئوقۇغان. 1810 - يىلى ئاۋسترالىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1813 - يىلى بلاكسلاند (1778 - 1850)، <لاۋسون (1774 - 1850) لار بىلەن بىللە كۆكتاغ تاغ تىزمىسىنى تۇنجى قېتىم كېسىپ ئۆتۈپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم يولىنى تاپقان. 1816 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ قانۇن كەسىپىدە ئوقۇغان. 1824 - يىلى سىدنېيغا قايتىپ كېلىپ، ۋالدېر بىلەن بىللە گېزىت چىقىرىپ، قانۇن تۈزۈشنى تەرغىپ قىلغان. 1835 - يىلى ئاۋسترالىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ھەدمدە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلاردىكى ئاپتونومىيىلىك ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1838 - يىلى گۇناھكارلارنى سۈرگۈن قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرغان. چارۋا ئىگىلىرى مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، يەر باھاسىنى يېڭىۋاشتىن بېكىتىشكە قارشى چىققان. 1843 - يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋالېس قانۇن تۈزۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1853 - يىلى يېڭى جەنۇبىي ۋالېستا ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەييارلاش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، ئۇ رەئىسلىككە ۋە لايىھە تەييارلىغۇچىلىققا سايلانغان. 1855 - يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ كومىتېت تەييارلىغان ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان. 1862 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ، تاكى ۋاپات بولغىچە شۇ يەردە ياشىغان.