Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېنگرىيە ۋەتەنپەرۋەر يولداشلار جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى匈牙利爱国同志会
xiōng yá lì ài guó tóng zhì huì
ۋېنگرىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى. 1779 - يىلى پېشتتا قۇرۇلغان. ئاۋسترىيىنىڭ مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ۋېنگرىيىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1788 - يىلى تۇنجى ئەدەبىيات ژۇرنىلى <ماجال مۇزېيى>، تۇنجى ۋېنگرىيە گېزىتى - <ماجال شىرموندو> ۋە تۇنجى ئەدەبىيات مەجمۇئەسى - <ئۇرانىيە> نى نەشر قىلغان؛ 1792 - يىلى ۋېنگرىيە كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇلاردىن باشقا، مەكتەپ ئاچقان. تىياتىرخانا ئېچىپ مىللىي تىياتىرلارنى ئويناپ، مىللىي تىلنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مىللىي ئاڭنى قوزغىغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىشىگە ئۇچرىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.