Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېلسېر جەمەتى
Domain: دۇنيا تارىخى维尔泽家族
wéi ěr zé jiā zú
ⅤⅩ - ⅥⅩ ئەسىرلەردىكى گېرمانىيىدە سودا - سانائەت ۋە جازانىخورلۇق بىلەن بېيىغان قەمەت بولۇپ، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئاۋگىسبۇرگتا ئولتۇراقلاشقان. مەبلەغ ۋە مال - مۈلكى فۇگگېر جەمەتىدىن قالسىلا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. نەسەپداش بارتولمايۇس ۋېلسېرا (1488 - 1561) سودا، بانكا ۋە كان ئېچىش (بولۇپمۇ تىلور كۈمۈش كانى) بىلەن كەڭ شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ سودا پونكىتلىرى نيۇرىنبېرگ، گدانسك، سيۇرىخ، بېرنې، مىلان، رىيانا، ۋېسۇئېلا، رىم، ئانتۋېرپېن، لىئان، لىسسابون، سېۋىللې قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان؛ ئۇ يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ كورۇلى چارلېس Ⅴ گە قەرز پۇل بەرگەن، ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋېلسېر جەمەتىنىڭ ۋېنسۇئېلادا مۇستەملىكىچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قوشۇلغان. بۇ جەمەت باشقۇرغان سودا - سانائەتتە، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىر قەدەر بالدۇر پەيدا بولغان. 1556 - يىلى ۋېنسۇئېلادىكى تەۋەككۈلچىلىك ئىشلىرى مەغلۇپ بولغان، ھابىسبۇرگ سۇلالىسىمۇ قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بېرەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن، 1614 - يىلى سۇنغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.