Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىلموتنىڭ قوشۇمچە ھۆججىتى
دۇنيا تارىخى
威尔莫特附文
wēi ěr mò tè fù wén
1846 - يىلى ئامېرىكا - مېكسىكا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، 8 - ئايدا ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى داۋىد ۋىلموت (1814 - 1868) ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قوشۇمچە ماددا. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: يېڭى ئېرىشكەن يەرلەردە قۇللۇق تۈزۈمى يولغا قويۇشقا ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. جەنۇب تەرەپنىڭ پالاتا ئەزالىرى قارشى تۇرغانلىقتىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن. بۇ قوشۇمچە ھۆججەت پارلامېنتنىڭ ئىچكى ۋە سىرتىدا كەڭ مۇنازىرە قوزغاپ، مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغان.