Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېللىڭتون
Domain: دۇنيا تارىخى威灵顿
wēi líng dùn
(1769 - 1852) ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى، باش ۋەزىرى (1828 - 1830). ۋېللىڭتوننىڭ تۇنجى گېرتسوگى، <تۆمۈر گېرتسوگ> دەپ ئاتالغان. ئىرلاندىيىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى يىللىرى ئېتون مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن فرانسىيىگە بېرىپ ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنگەن. 1787 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1796 - يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، ئاكىسى، باش ۋالىي ۋېللېسلېينىڭ ھىندىستاننى ئىستېلا قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ياردەملەشكەن. 1805 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. 1808 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ فرانسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پورتۇگالىيىگە بارغان. 1908 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن قىلغان ئۇرۇشلاردا بىرقانچە قېتىم غەلىبە قىلغان. 1814 - يىلى ۋېللىڭتون گېرتسوگى دەپ نام بېرىلگەن. 1814 - يىلى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە ۋېنا يىغىنىدىكى ئەنگلىيە ۋەكىلى بولغان. 1815 - يىلى ناپولېئون 100 كۈنلۈك سۇلالە قۇرغاندا، فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيىگە باشچىلىق قىلىپ، ۋاتېرلوئو جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ناپولېئوننى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن ئەنگلىيىگە ۋەكىل بولۇپ مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ھەر قېتىمقى يىغىنلىرىغا قاتناشقان ھەمدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان (7182 - 1852). كېيىن باش ۋەزىر، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1834 - 1835)، بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ ۋەزىرى (1841 - 1846) بولغان.سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بولۇپ، <ئىسلاھات قانۇن لايىھىسى> گە قارشى چىققان، شۇنىڭدەك 1848 - يىلدىكى ئاساسىي نىزامچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.