Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىللستاتتېر
Domain: دۇنيا تارىخى维尔斯太特
wéi ěr sī tài tè
(1872 - 1942). گېرمانىيىلىك خىمىك. كارلسرۇھېسا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بائېيېر (1835 - 1917) دىن ئورگانىك خىمىيە ئۆگەنگەن. 1894 - يىلدىن باشلاپ بىئو ئىشقار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاتروپىن (بېللادوننا ئالكولوئىدى) ۋە كوكائىن قاتارلىقلار مولېكۇلىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى - تروپىن (مىڭ دىۋانە ئالكولوئىدى) نىڭ خىمىيىۋى تۈزۈلۈشىنى شەرھلەپ بەرگەن. 1905 - يىلى خلوروفىلنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1915 - يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1912 - 1915 - يىللاردا ۋېلھېلم پادىشاھلىق تەتقىقات ئاكادېمىيىسى خىمىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن ميۇنخېنغا قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان ھەم ئۆزىنىڭ فېرمېنت خىمىيىتى خىزمىتىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپ خىل بىرقەدەر ساپ فېرمېنتلارغا ئېرىشكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.