UyghurMain Dictionary
ۋىللانوۋا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئىتالىيىنىڭ تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرى يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 - 700 يىللار ئىلگىرى) دە، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئېترۇرىيە ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى لاتىئۇم ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، بولوگنا شەھىرى ئەتراپىدىكى ۋىللانوۋا كەنتىدىن تېپىلغانلىقى (ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېپىلغان) ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاھالىسى (ئۇمبىرىلار ۋەكىللىك قىلىدۇ) تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلاپ، تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تۇرۇشلۇق جايىدا مۇستەھكەم تاملار بولغان (قورغانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ). تېرامارا مەدەنىيىتىگە ئوخشاش، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە جەسەت كۈلىنى كوزىغا قويۇش ئادىتى بار. ئادەتتە ئىتالىيە ۋىللانوۋا مەدەنىيىتىدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرگەن، دەپ قارىلىدۇ.