UyghurMain Dictionary
ۋىليام ئورانگې
دۇنيا تارىخى
(1650 - 1702) ئەنگلىيە كورۇلى (1689 - 1702). ۋىليام Ⅱ نىڭ ئوغلى، چارلېس Ⅰ نىڭ نەۋرىسى، ھايتىدا تۇغۇلغان، پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1672 - يىلى نىدېرلاند ئارخۇنى بولغان. 1677 - يىلى جامېس Ⅱ (ئەينى چاغدىك كىنەز يورك) نىڭ قىزى مارى بىلەن توي قىلغان. 1688 - يىلى <شانلىق ئىنقىلاب> تا ئەنگلىيە كورۇلى بولۇپ، ۋىليام Ⅲ دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ خوتۇنى ئەنگلىيىنىڭ كورۇلىۋاسى بولۇپ، مارى Ⅱ دەپ ئاتالغان. ۋىليام ئورانگى ھوقۇق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە <ھوقۇق قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەن؛ ئېنگلاند بانكىسىنى تەسىس قىلىپ، چېگرا بېجىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىرتقا قارىتا ئېرلاندىيىنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت فرانسىيە بىلەن رىقابەتلەشكەن.