UyghurMain Dictionary
ۋېلاۋسكو ئىباررا
دۇنيا تارىخى
(1893 - 1979) ئېكۋادور زۇڭتۇڭى (1934 - 1935، 1944 - 1947، 1952 - 1956، 1960 - 1961، 1968 - 1972). تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئىچكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1944 - يىلى 5 - ئايدا، ئارمىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، 1946 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، تاشيول ۋە مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قاتتىق سېنىزورنى يولغا قويغان. 1947 - يىلى 8 - ئايدا ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئاغدۇرۇلۇپ، دۆلەت چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1952 - يىلى 6 - ئايدا مۇستەقىل لىبېراللار پارتىيىسى ئەزاسى سۈپىتىدە زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزگەن ھەمدە 200 دېڭىز مىلى دېڭىز تەۋەلىكى ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1960 - يىلى يەنە بىر قېتىم سايلىنىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىنى جاكارلىغان، چارە - تەدبىرى قاتتىق بولغانلىقتىن، پارلامېنت بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئىككىنچى يىلى ھەربىيلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 8196 - يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولۇپ، ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە سىياسىي قالايمىقانچىلىققا دۇچ كېلىپ، ھەل قىلالمىغانلىقتىن، 1972 - يىلى 2 - ئايدا ھەربىيلەر تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان. 1979 - يىلى 2 - ئايدا ئارگېنتىنادىن دۆلىتىگە قايتىپ كېلىپ، 3 - ئايدا كىتودا قازا قىلغان.