UyghurMain Dictionary
ۋىجدان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ كىشىلەر، جامائەتچىلىك ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى.
ۋىجداننىڭ يوقلۇقىدىن ئېچىنىشلىق ئىش يوق. ۋىجدان ئازابى. ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ۋىجدانى قاينىماق. ۋىجدان ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا. ئادەمدىن يوشۇرغىنىڭ بىلەن ۋىجدانغا باش ئۇرۇسەن. ئار - نومۇسنى بىلگەن ئابروينى قەدىرلەشنى بىلىدۇ. ھېساب ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ئىنساب ئۆگەن. ئوغرى بولساڭ، ئىنساپ بىلەن بول، قازىنىنى ئالساڭ تۇۋىقىنى قوي. ساڭا ئىنساپ - تەۋپىق كېرەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سەزمەك، تۇيماق، تاپماق، ياخشىلىقتىن سۆيۈنۈپ، يامانلىققا ئېچىنماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتى، قىلمىشى، يۈرۈش - تۇرۇشى ھەققىدە جەمئىيەت ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى؛ ئىنساپ، دىيانەت.
ۋىجدان بىلەن ئىش قىلماق. ۋىجدان بىلەن ياشىماق.