Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىجاياناگار
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى胜利城
shèng lì chéng
Domain: دۇنيا تارىخى维查耶纳伽尔
wéi chá yē nà gā ěr
ئوتتۇرا ئەسىردە ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرى ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت (1336 - 1561). ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، براھمان سۇلالىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇشقان. كرېشنادېۋا رايا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1508 - 1530)، دۆلىتى ئەڭ كۈچىيىپ، زېمىنى تونجابادېرا دەرياسى بىلەن كرېشنا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، گوئا، كالىكۇت، كوچىن قاتارلىق پورتلىرى بولۇپ، تاشقى سودىسى تەرەققىي قىلغان. جۇڭگونڭ مىڭ سۇلالىسىدىن جېڭ خې كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، بۇ يەرگە كۆپ قېتىم بارغان. پايتەختى ۋىجاياناگار (تونجابادېرا دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋېللارىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، <غالىب شەھەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). باي - ئاۋات، گۈللەنگەن شەھەر بولۇپ، ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشقان. 1565 - يىلى دېككان ئېگىزلىكىدىكى تۆت ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختى خارابىلىققا ئايلانغان. كېيىن دۆلەت پارچىلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.