UyghurMain Dictionary
ۋيېتنام لائوس كامبودژىلارنىڭ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1954 - 1954 - يىللاردىكى ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا خەلقلىرىنىڭ فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە كۈچلىرى ئەسلىدە فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنىدىكى ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا ئۈچ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىققان (ۋيېتنام، لائوس مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان). فرانسىيە ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنى يېڭىۋاشتىن قوزغاپ، 1945 - يىلى 9 - ئايدا ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان. 10 - ئايدا كامبودژىنى ئىشغال قىلغان، يىل ئاخىرىسىدا لائوسقا بېسىپ كىرگەن. ئۈچ دۆلەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغداش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1946 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنى 8 - 9 يىل ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ تېز ئۇرۇش قىلىپ تېز ھەل قىلىش پىلانىنى بىتچىت قىلغان. جۇڭگونىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ۋيېتنام خەلقى 1954 - يىلى 5 - ئايدا ديەنبيەنفۇ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 7 - ئايدا فرانسىيە ھىندىچىنىدا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى <جەنۋە كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، ۋيېتنام، لائوس، كامبودژا ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىكى، بىرلىكى، تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھىندىچىنى تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان.