Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى
قانۇنشۇناسلىق
魏玛宪法
wèi mǎ xiàn fǎ
دۇنيا تارىخى
魏玛宪法
wèi mǎ xiàn fǎ
گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى (ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ئاساسىي قانۇنى. ۋېيمار شەھىرىدە چاقىرىلغان ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىدا ماقۇللانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1919 - يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تەستىقلىنىپ، 8 - ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. 181 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئاساسىي قانۇن فېدېراتسىيىسىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە خىزمەت ھوقۇقى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدا گېرمانىيىنىڭ فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكى جاكارلانغان؛ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى فېدېراتىپ پارلامېنتى ۋە فېدېراتىپ كېڭىشىدىكى ئىككى پالاتادىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئىكەنلىكى، دۆلەت باشلىقىنىڭ زۇڭتۇڭ ئىكەنلىكى، ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ئىچى كابىنېت ئىكەنلىكى؛ پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقىغا، سۆزلەش، نەشر قىلىش، يىغىلىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى جاكارلانغان. ئاساسىي قانۇندا زۇڭتۇڭ دۆلەت پاراكەندىچىلىككە ياكى خەۋپكە ئۇچرىدى، دەپ ھېسابلىغاندا، ئاساسىي قانۇندىكى پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ئائىت ماددىلارنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار سىنىپىنى ئەمگەكچى خەلقنى ھەر ۋاقىتتا باستۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا فاشىست دىكتاتۇرا ئورنىتىش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەن. 1933 - يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن توختىتىلغان.