Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋىگ پارتىيىسى
ئۇنىۋېرسال
辉格党
huī gé dǎng
دۇنيا تارىخى
辉格党
huī gé dǎng
(1) ئەنگلىيىدىكى سىياسىي پارتىيە. ۋىگ ئەسلىدە شوتلاندىيە قاراقچىلىرىنى كۆرسىتەتتى. كېيىن يەنە جاھىل ئاقساقاللار گۇرۇھىدىكى دىن مۇرىتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان. توري پارتىيىسىدىكىلەر پارلامېنتتا بۇ سۆز ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى ھاقارەتلىگەن. ئۆكتىچىلەرمۇ بارا - بارا ئۆزىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان. ئۇلار 1679 - 1682 - يىللاردا پارلامېنتتىكى بىر پارتىيە - گۇرۇھ بولۇپ شەكىللىنىپ، ئاساسەن بۇرژۇئازىيىلەشكەن ئاقسۆڭەكلەر ۋە چوڭ سودا، پۇل - مۇئامىلە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. بۇ پارتىيە يامېس Ⅱ نىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، 1688 - يىلىدىكى <شانلىق ئىنقىلاب> نى قوزغاشتا ئاساسىي كۈچ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي ساھەسىنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ كەلگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشقا پارتىيىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، لىبېراللار پارتىيىسىگە ئايلانغان. (2) شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنىڭ مىتروپولىيە دۆلەت ئەنگلىيىدىن ئايرىلىشىنى تەشەببۇس قىلغۇچى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. (3) ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئامېرىكا پارتىيىسى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بۇرژۇئازىيە بىلەن ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىنىڭ زىددىيىتى كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ، دېموكرات جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1828 - يىلقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جېكسون كونا - يېڭى قۇلدارلانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، بۇ گۇرۇھ دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. ئۇدا زۇڭتۇڭ بولۇش ئۈچۈن سايلامدا رىقابەتلەشكەن ئادامىس سودا - سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قولىشىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا قارشى تۇرغان، بۇ گۇرۇھ دۆلەت جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھى دەپ ئاتىلىپ، 1834 - يىلى نامىنى ۋىگ پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. 1860 - يىلى ئاساسىي قانۇنلۇق قوشما شتات پارتىيىسى دەپ ئاتالغان، كېيىن سىياسىي سەھىنىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇ ھازىرقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.