UyghurMain Dictionary
ۋەز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەسىلە ئۈستىدە كۆپچىلىككە سۆزلەنگەن نۇتۇق.
«دوكلات» كەڭ قوللىنىلىدۇ.
«مەرۇزە» ئىستېمالدىن قالدى.
«ۋەز» سەلبىي مەنە ئېلىپ قالدى.
«خۇتبە» خاتىپ جۈمەدە ئوقۇيدىغان چۈشىنىكسىز ئەرەبچە سۆز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۆلۈم باشلىقى ئېقىم مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات بەردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ 1949 - يىلى مايدا ئىلىدا ئىتتىپاق ئاكتىپلىرى يىغىنىدا بەرگەن «ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز» دېگەن مەرۇزىسى ئۆز ۋاقتىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ئوبدان ئويلانسۇن. جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاتىپ خۇتبە ئوقۇدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشىلىققا ئۈندەپ ئېيتىلغان سۆز، مەسلىھەت.
نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. پەند - نەسىھەتكە كۆنمىگەن، ئەيىبىدىن خالىي بولالماس. ئاتاڭنىڭ ئۈگۈتىنى بالاڭغا قالدۇر. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ھوشيار بولسۇن.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <نەسىھەت قىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. نامازدىن ئىلگىرى ئىمام ياكى ئاخۇنۇم مۇسۇلمانلارغا تەبلىغ قىلىدىغان ئەقىدە كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر مەسىلە ھەققىدە باشقىلارغا، ئاممىغا سۆزلەنگەن سۆز، نۇتۇق.
ئىمامنىڭ قەبرە بېشىدا قىلغان ۋەزلىرى مۇسىبەتتىكىلەرنىڭ دىللىرىنى ئەزدى.
پەند - نەسىھەت، تەربىيە.
بۇ ۋەزلەر خالىقنىڭ قۇلىقىغا گويا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.