Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى
Domain: دۇنيا تارىخى祖国光复会
zǔ guó guāng fù huì
چاۋشيەندىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ فرونتى تەشكىلاتى. 1935 - يىلدىن كېيىن، دۇنيا بويىچە فاشىزمغا قارشى بىرلىك سەپ ھەرىكىتىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، كىم ئىرسېن (1912 - 1994) نىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر ئىتتىپاقىلىشپ، پائال خىزمەت ئىشلەپ، 1936 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا <ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى> نى قۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىكى <ئون چوڭ پروگرامما> نى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭدا: ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە دائىر كونكرېت كۈرەش پروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جەمئىيەت ئەزاسى 200 مىڭ كىشىدىن ئاتۇق بولۇپ، كىم ئىرسېن جەمئىيەت باشلىقى بولغان. ئورگان ژۇرنىلى <1 - مارت ئايلىق ژۇرنىلى> بولۇپ، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئويغىتىپ، كەڭ ئاممىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.