UyghurMain Dictionary
ۋەسىقىسىز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
گېپىنىڭ تۇتامى يوق، تۇتۇرۇقسىز.
- نېمىدېگەن ۋەسىقىسىز نېمە ئۇ، - دېدى بىرى ئۇ كەتكەندىن كېيىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇچرىشىش، قوشۇلۇش، بىرلىشىش، ئېرىشىش (يار ھەققىدە).
يارنىڭ ۋەسىل جامالىنى تىلەيدۇ نۆبىتى، رەھمە قىلغىل مەن غېرىبقا يار ئىمكانىم ساڭا.
دىدار، جامال.
رازى ئىدىم كۆرۈپ ئۆلسەم ۋەسلىڭنى، ياشلىق ئىزىم قالغان ئەلۋەك ماكاندا.
كۆچمە. مال - مۈلۈك، بايلىق.
ئوغلىغا ھەسەل ئېلىپ بېرىۋېتىپ دېھقاننىڭ ۋەسلى ئازلاپ، پۇلى تۈگەپتۇ.
كۆچمە. قىممىتى.
ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق (ماقال).