Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋەنجى قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخى万积起义
wàn jī qǐ yì
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى خەلق قوزغىلىڭى. 1198 - يىلى (شېنزۇڭ 1 - يىلى)، كېسون (ھازىرقى كەيچېڭ) دىكى شەخسىي قۇل ۋەنجى قاتارلىق ئالتە كىشى ھەمىشە قۇللارنى سۇڭيۆ تېغىغا توپلاپ، مەخپىي ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، سۇي جۇڭشيەننى ئۆلتۈرۈپ، رەزىل كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ۋاقتىغا ئاز قالغاندا، ئادىمى بىرنەچچە يۈزگە يەتمىگەن، ئۇلار پۇجى بۇتخانىسىدا يەنە توپلىشىشقا كېلىشكەن، خەن يۈيجۇڭنىڭ ئۆيىدىكى قۇلنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇشى تۈپەيلىدىن، ئىش پاش بولپ قېلىپ، ۋەنجى قاتارلىق 100 دەك ئادەم قولغا ئېلىنىپ دەرياغا تاشدلانغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.