Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋەن گوگ
Domain: دۇنيا تارىخى丸.高
wán .gāo
(1853 - 1890) گوللاندىيىلىك رەسسام. ئاخىرقى مەزگىللىرىنىڭ تەسىراتچىسى رەسساملار ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. دادىسى پوپ، ئۇ ماگىزىنچى، ئوقۇتقۇچى، كان رايونىدا دىن تارقاتقۇچى بولغان. ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايانغان، دەسلەپتە كان ئىشچىلىرىنىڭ نامرات تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1886 - يىلى پارىژغا بېرىپ، تەسىراتچى رەسساملار ۋە ياپونىيە ئوكىيو رەسساملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئالدى بىلەن چاچما رەڭ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. كېيىن قېنىم ۋە ئوچۇق رەڭ بېرىش، ئەركىن سىزىق سىزىش، كۆپۈنكى رەڭ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبى كېيىن ھايۋانپەرەسلەر ۋە گەۋدىلەندۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ سەنئەت يولى ئەگرى - توقاي بولغان، كېيىن نېرۋا كېسىلى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۈچ پارچە <خەت - چەكلەر توپلىمى> ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە سەنئەت ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، <ئاپتاپپەرەس>، <دېھقان>، <پوچتىكەش رولاند>، <بازارنى تەمىنلەيدىغان دېقھانچىلىق مەيدانى>، <شامالدىتىلغان جىنايەتچى>، <ياڭيۇ يەيدىغان كىشىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.