UyghurMain Dictionary
ۋەلى ئۇلاھشاھ
دۇنيا تارىخى
(1703 - 1762) ⅩⅢ ئەسىردىكى ھىندىستان ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى. دېھلىدا تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدىن باشلاپلا دادىسىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن دادىسى ئاچقان راھىم ئىنستىتۇتىدا 12 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1732 - يىلى مەككىگە ھەج قىلغىلى بېرىپ، مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى بىلەن ئالاقە قىلغان. 1737 - 1738 - يىللىرى <قۇرئان> نى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان، شۇ چاغدىكى ھىندىستان ئىسلام دىنىدىكى جاھالەتلىك ھادىسىلەردىن نارازى بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنى يوقىتىپ ئىسلام دىنى مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ھەقىقىي باراۋەر <ئادالەتلىك دۆلەت> قۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فېئوداللىق تۈزۈم زۇلۇمى ئاستىدىكى دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ھاياتىدا تەخمىنەن 50 پارچە ئەسەر قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى <ئاللانىڭ چوڭقۇر ئىسپاتلىرى> دىن ئىبارەت. ئۆلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغان.