UyghurMain Dictionary
ۋەللەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالىلارنىڭ ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى، ئىككى ئۈچى ئۇچلانغان بالىچۇقنى مەخسۇس تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئوينايدۇ، ئارىلىق چامدام بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ئۇتتۇرغان بالا بالىچوقنى كۆتۈرۈپ <ۋەللەي> توۋلايدۇ.
<گاگا> خەنزۇچە: 尖尖
<تىكتاك> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كېلىڭلار بالىلار ئوينايمىز، ۋەللەي ئۇرۇپ ئوينايمىز، قانچە ئۇزاق ئۇرسىمۇ، توختىماي< ۋەللەي> توۋلايمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر خىلى. ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 60 - 70 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 3 - 4 سانتىمېتىر كەلگۈدەك كالتەك ۋە 15 - 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى بارماق توملۇقىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىچۇق (ۋەللەي) بىلەن تۈز مەيداندا ئوينايدۇ.
شۇ ئويۇندا چوڭ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان بالىچۇق تاياق.