UyghurMain Dictionary
ۋەكىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇرۇلتاي، يىغىن، مۇئەسسەسەگە خەلق تەرىپىدىن سايلانغان كىشى؛ شەخس، جەمئىيەت، دۆلەت ئۆزلىرى نامىدا ئىش بېجىرىشكە ۋەكالەت بەرگەن كىشى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 8 - يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى. ب د ت نىڭ ۋەكىلى ۋەنس يۇگوسلاۋىيىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئارا بولۇۋاتقان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بېلگرادقا كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر كوللېكتىپ ياكى شەخس نامىدىن ئىش بېجىرىشكە تەيىنلەنگەن، ياكى سايلانغان، ئۇنىڭ پايدا - مەنپەئىتىنى قوغداپ خىزمەت قىلىدىغان كىشى.
يۈسۈپ تەيجى ۋاڭغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەنىدى.
بىرەر دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ۋاكالىتى بىلەن باشقا دۆلەتتە تۇرۇپ، شۇ دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ نامىدىن ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىشكە تەيىنلەنگەن خادىم؛ ئەلچى، كونسۇل.
دىپلوماتىك ۋەكىل. تۈركىيە ۋەكىلى. ۋەكىل تەيىنلىمەك.
<قا> كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىدارە تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەممىنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى؛ ئورۇنباسار ۋەكىل: ئىسمى، قارى: سۈپىتى