UyghurMain Dictionary
ۋېبلېن
دۇنيا تارىخى
(1857 - 1929) ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس، تۈزۈم ئىلمىي ئېقىمىنى ياراتقۇچى. ۋىسكونسىن شتاتىدا تۇغۇلغان. 880 - يىلى كاردون شۆيۈەنىدە ئەدەبىيات ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1884 - يىلى يېرو داشۆسىدە پەلسەپە بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1892 - 1918 - يىللاردا چىكاگو داشۆسى، سىتانفورد داشۆسى ۋە مىسسورى داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى سبىنسېنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇ چاغدا ئېقىپ يۈرگەن بۇرژۇئا سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئۇ جەمئىيەت بىر خىل بىرىكمە گەۋدە، كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەرىكىتى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇنى بىرنەچچە تىپ قىلىپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، جەمئىيەت ۋە ئادەم ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز چەكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما چەكلىك دائىرىدە ئۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. ئۇ تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلىش مەركەز قىلىنغان ئىقتىساد نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىغا سەل قارىغان. <بىكار تەلەپ سىنىپلار ھەققىدە>، <كارخانىلار ھەققىدە>، <ئىنژېنېر ۋە باھا سىستېمىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.