Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋاۋىلوۋ
Domain: دۇنيا تارىخى瓦维洛夫
wǎ wéi luò fū
(1891 - 1951) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى فىزىكا ئالىمى. سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1914 - يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1929 - يىلى فىزىكا پروفېسسورى بولغان. 1932 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. 1945 - يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېميىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مىكرو ئوپتىكىنى، بولۇپمۇ يورۇقلۇق چىقىرىشنى مەركەزلىك تەتقىق قىلغان. چېرېنكوۋ رادىئاتسىيىسى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەشپ قىلىنغانلىقتىن، بۇ، <چېرېنكوۋ - ۋاۋىلوۋ ئېففېكتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەبىئەت دىئالېكتىكىسى ۋە ئىلىم - پەن تارىخىنىمۇ تەتقىق قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.