UyghurMain Dictionary
ۋاتسون
پسىخولوگىيە
ۋاتسون ئامېرىكا پسىخولوگى، بىخىۋىئورىزمىنىڭ ئىجادچىسى. ۋاتسون ئۆزىنىڭ ھايۋان پسىخىكىسى بىلەن بالىلار پسىخىكىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى نەتىجىسىگە ئاساسەن، پسىخولوگىيە ھەرىكەتنى تەتقىق قىلىدىغان تەبىئىي پەن دىگەننى تەشەببۇس قىلىپ، پسىخولوگىيە ئاڭنى تەتقىق قىلىدۇ، دېگەنگە قارشى چىقتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئاساسلىقى: «ھەرىكەت: سېلىشتۇرما پسىخولوگىيە مۇقەددىمىسى»، «بىخېۋىئورىزم پسىخولوگىيىسى»، «بىخېۋىئورىزم» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.