UyghurMain Dictionary
ۋاتېرلو جېڭى
دۇنيا تارىخى
ناپولېئون Ⅰ 1815 - يىلى فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان ئاخىرقى قېتىملىق جەڭ. 1815 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ناپولېئون فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان كۈچلۈك دۆلەتلەر فرانسىيىگە قارشى يەتتىنچى قېتىملىق ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاۋسترىيە، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 1 مىليون كىشىلىك ئارمىيىسى توپلىنىشقا باشلىغان. ناپولېئونمۇ فرانسىيىنىڭ پۈتكۈل ئەسكىرىي كۈچى (تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى) نى سەپەرۋەر قىلىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىگە قارشى ئاتلانغان. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ناپولېئون 72 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، بىريوسسېلنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋاتېرلو كەنتىدە، ئەنگلىيە گېنېرالى ۋىللىنتون قوماندانلىقىدىكى 70 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، گېرمانىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ھالقىلىق پەيتتە، بليۇخېر قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە قوشۇنى ئۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ جەڭدە فرانسىيە ئارمىيىسى تارمار قىلىنغان. 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشۈشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى ئاخىرلاشقان.