UyghurMain Dictionary
ۋاسسال
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە چوڭ خوجىدار كونتروللۇقىدىكى تەسىر دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئورگىنى. بۇ ئاتالغۇ جۇڭگونىڭ <ۋاسسال ئەل> سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىن بولغانلار ۋە يېقىن ئەمەسلەر بويىچە يېقىن ۋاسسال، پۇدەي، ۋەيياڭ دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. يېقىن ۋاسساللاردا <پادىشاھقا خاس ئۈچ جەمەت> بولۇپ، ھەممىسى توكوگاۋا جەمەتىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئىبارەت. پۇدەيلەر گۇەنيۇەن جېڭىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەردىن ئىبارەت. ۋەيياڭلارنىڭ شوگنات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن ئەمەس. گۇەنيۇەن جېڭىدىن كېيىن ئۇلار توكوگاۋا ئېياسۇغا بويسۇنۇپ، شوگناتنىڭ بىر تۇرۇپ بىرلىشىدىغان، بىر تۇرۇپ زۇلۇم سالىدىغان، بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. يىللىق تارتۇق مىقدارى بويىچە ئايرىلغاندا، 200 مىڭ تاغاردىن 1 مىليون تاغارغىچە بولغانلار چوڭ ۋاسسال، 50 مىڭ تاغاردىن 200 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار ئوتتۇرا ۋاسسال، 100 مىڭ تاغاردىن 50 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار كىچىك ۋاسسال، ئونمىڭ تاغاردىن 20 مىڭ تاغارغىچە بولغانلار پارچە - پۇرات ۋاسسال دەپ ئاتالغان. شوگنات ۋاسساللارغا قارىتا قوماندانلىق قىلىش، تىكلەش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، يېقىن ۋاسساللار ۋە پۇدەي خوجىدارلارنى كۈچەيتىش يولى بىلەن ۋەيياڭ خوجىدارلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان. مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش مەزگىلدە ۋاسساللار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغان.