UyghurMain Dictionary
ۋارۋارلىق دەۋرى
دۇنيا تارىخى
يەنى <نادانلىق دەۋرى>. ئامېرىكىلىق ئېتىنولوگ مورگان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئايرىشتا قوللانغان ئاتالغۇ. مورگان ئۆزىنىڭ <قەدىمكى جەمئىيەت> (1877) دېگەن ئەسىرىدە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى <تىرىكچىلىك ماھارىتى> (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى< نىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ۋارۋارلىق دەۋرى، ياۋايىلىق دەۋرى ۋە مەدەنىيەت دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. ۋارۋارلىق دەۋرى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىنسانىيەتنىڭ گۆدەكلىك مەزگىلىدىن باشلىنىپ، بېلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش مەزگىلىگە كەلگەندە ئاخىرلاشقان؛ بۇ ئۇزۇن يىللاردا ئىنسانلار چەكلىك رايونلاردا ياشاپ، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەمدە بوغۇملۇق تىللار پەيدا بولغان. بۇ باسقۇچتا تۇرغانلىقنىڭ ئىجتىمائىي ئىسپاتلىرى ئاللىقاچان يوقالغان. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى بېلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش مەزگىلىدىن باشلىنىپ، ئوقيا ئىختىرا قىلىنغان مەزگىلدە ئاخىرلاشقان، بۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزى يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان. يېقىنقى زاماننىڭ قالاق قەبىلىلىرى ئىچىدە بۇ باسقۇچقا مۇناسىپ كېلىدىغان دەلىل - ئىسپات ئاۋسترالىيىلىكلەر قەبىلىسى ۋە زور كۆپچىلىك پولىنېزىيىلىكلەر قەبىلىلىرىدىن ئىبارەت. ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرى باسقۇچى ئوقيانىڭ ئىختىرا قىلىنىشىدىن باشلىنىپ ساپال قاچىلار ئىشلىتىلگەن مەزگىلدە ئاخىرلاشقان، بۇ باسقۇچتا تۇرغان يېقىنقى زاماننىڭ قالاق قەبىلىلىرى ھۇدىسون قولتۇقى رايونىدىكى ئاتاباسكالىقلار قەبىلىسى، كولومبىيە دەريا ۋادىسىدىكى قەبىلىلەر ۋە شىمالىي، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بەزى قەبىلىلەردىن ئىبارەت. مورگان بۇ دەۋرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بوغۇملۇق تىللارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇرۇق بىلەن ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا يىغىنچاقلىغان. ئەمما ھازىرقى زاماندىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، مورگان بۇ دەۋرنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن قەبىلىلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، مەسىلەن: پولىنېزىيىلىكلەرنىڭ قەبىلىلىرى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن كېيىن تۇرىدىكەن، ۋەھاكازالار. ئېنگېلس >ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى< دېگەن ئەسىرىدە، مورگاننىڭ دەۋرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى نەقىل كەلتۈرگەن ھەمدە ئۇنى ئىلمىي يوسۇندا يىغىنچاقلاپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ۋارۋارلىق دەۋرى بىلەن ياۋايىلىق دەۋرىنى ئېنىق قىلىپ تارىختىن بۇرۇنقى )يەنى سىنىپىي جەمئىيەتتىن بۇرۇنقى( مەدەنىيەت باسقۇچى ئاساس قىلىنغان دەۋر دەپ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىنى مايمۇندىن ئادەمگە ئۆتۈش مەزگىلى دەپ قارىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخىغا دائىر ھەرخىل ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغان، ۋارۋارلىق دەۋرىنى باشقا دەۋگە ئايرىش ئۇسۇللىرى بىلەن مۇنداق سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ )يۇقىرىقى جەدۋەلگە قاراڭ(.