Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى
Domain: دۇنيا تارىخى华沙条约组织
huá shā tiáo yuē zǔ zhī
ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ھەربىي گۇرۇھ. 1955 - يىل 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، چېخوسلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، پولشا، رۇمىنىيە ۋە ئالبانىيە ۋارشاۋادا سەككىز دۆلەت دوستلۇق ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم قىلىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، بۇنى <ۋارشاۋا شەرتنامىسى> دەپ ئاتىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە قەرەلى 20 يىل بولغان. شەرتنامىدە، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر <دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى> ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ھەمدە <خەلقئارالىق تالاش - تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىدۇ> دەپ جاكارلانغان؛ قوراللىق قىسىملار بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تەسىس قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغان چاغدا، ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. باش شتاب موسكۋادا تەسىس قىلىنغان. قوراللىق قىسىملار بىرلەشمە قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانلىقىنى، شتاب باشلىقلىقىنى ئىزچىل تۈردە سوۋېتلىكلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە، پولشا، ۋېنگرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نەچچە يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزغان. 1968 - يىلى 8 - ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نامى بىلەن چېخوسلوۋاكىيىگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئۇنى بېسىۋالغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا ئالبانىيە بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىققان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.