Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋاڭ رىن
Domain: دۇنيا تارىخى王仁
wáng rén
چاۋشيەننىڭ ئۈچ دۆلەت دەۋرىدىكى پېكچى خانلىقى دەۋرىدىكى ئالىم. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ياپونىيىدىكى پېكچىلىك ئالىم ئاجىچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن <مۇھاكىمە ۋە بايان> نىڭ ئون جىلدىنى <1000 خەتلىك دەستۇر> نىڭ بىر جىلدىنى ئېلىپ ياپونىيىگە بېرىپ شاھزادىگە ئۇستاز بولغان. كۇڭزىچىلىق ئىدىيىسى شۇنىڭدىن باشلاپ ياپونىيىدە تارقالغان. ياپونىيىنىڭ تارىخلىرىدا خەيرلىك ئۇستاز خېئېرجى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى جېئىي دۆلىتى قەدىمكى شەھىرى (يۈيېيې شەھىرى) دە، خەنزۇچىغا پىششىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوردىدا يېزىق - خاتىرە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مىرزا - كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.