UyghurMain Dictionary
ۋاقىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
زاماننىڭ ئەسىرلەر، يىللار، سائەتلەر، مىنۇتلار ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن ئۆلچەنگەن بۆلىكى؛ چاغ.
ئوبيېكتىپ ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ زاماندا قانچىلىك داۋام ئېتىپ تۇرۇشىنى بىلدۈرىدىغان بۆلىكى.
بىر جاينىڭ ئۆزىگە خاس زامان ئۆلچىمى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى. بېيجىڭ ۋاقتى.
يىل، ئاي، كۈن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىك پەيتى، كەز.
ياز ۋاقتى. قىش ۋاقتى. سوغ ۋاقتى.
پەيت، پۇرسەت.
ھازىر مېنىڭ ۋاقتىم يوق.
ۋاقتىڭ بولسا كېلىپ ئولتۇرۇپ كەت.
بىرەر ئىش، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار سادىر بولىدىغان ياكى بولغان پۇرسەت ئارىلىقى، مەزگىل.
تاماق ۋاقتى. ئىنقىلاب ۋاقتى. خىزمەت ۋاقتى.
مەلۇم مۇددەت.
پاسپورتنىڭ تېخى ۋاقتى بار.
<قا> دەۋا سۇبيېكتى ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى بىرلىكتە دەۋا پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.