Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋانكۇۋېر ئارىلى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر温哥华岛
wēn gē huá dǎo
كانادانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال. مەيدانى 34 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 426 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارالدا قاتناش قىلىشقا بولىدىغان دەريالار يوق. بىراق قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن قولتۇقلار كۆپ، نۇتكا قولتۇقى قۇرۇقلۇققا قاراپ تەخمىنەن 16 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئىقلىمى يىللىق، نەم. تاغلىق، ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. ئالتۇن، مىس، تۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. سانائەتتە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا بېلىقچىلىق تەرەققىي قىلغان. بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى — ۋىكتورىيە شەھىرى ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. تۆمۈر يول ئارقىلىق جەنۇبىي قىرغاقتىكى نانايمو پورتى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال温哥华岛
wēn gē huá dǎo
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.