UyghurMain Dictionary
ۋان بۇرېن
دۇنيا تارىخى
(1782 - 1862) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1837 - 1841). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. نيۇ - يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1803 - يىلى ئادۋوكات بولغان ھەمدە سىياسىي ساھەدە پائالىيەت قىلغان. 1821 - 1828 - يىللىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1829 - يىلى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1829 - 1831 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. 1832 - 1836 - يىللىرى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1836 - يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە <دۆلەت خەزىنىسى مۇستەقىل بولۇش قانۇنى> نى ئېلان قىلغان؛ ئون سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى بەلگىلىگەن. تاشقى جەھەتتە زېمىننى پائال كېڭەيتكەن. <ئامېرىكىدىكى پارتىيىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جەريانى ئۈستىدە تەتقىقات> دېگەن ئەسىرى بار.