UyghurMain Dictionary
ۋالا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئالىي سۈپەتلىك، قىممەت باھا يىپەكتىن توقۇلغان يۇپقا ماتا، رەخت.
يۇقىرى، ئۈستۈن، ئېگىز؛ ئۇلۇغ، كاتتا؛ قەدىرلىك:
ئىستەسەم گەرچە پەرى رولار تەمامىن دەھر ئارا،
بارچەسى خۇر - مىھر، بۇ بىر گەۋھەرى ۋالا يىگىت.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك، يۇقىرى، ئۈستۈن، ئۇلۇغ؛ ۋالاھەزرەت - ھەزرىتى ئالىلىرى، جاناپلىرى؛ ۋالا مەرتەبە - يۇقىرى مەرتىۋىلىك.