Uyghur←ChineseMain Dictionary
ۋاكۇئوم بوشلۇقتا توڭلىتىپ قۇرۇق ساقلاش
بىئولوگىيە
真空冷冻干燥保藏法
zhēnkōnglěngdònggānzàobǎocángfǎ
ئۇرۇقلۇق مىكرو ئورگانىزمنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ستېرىلىزاتسىيىلەنگەن كۆك سۈتنى قوغدىغۇچى قىلىپ، ئۇرۇقلۇق مىكرو ئورگانىزم بىلەن سۇ سپېنزىيىلىك ئېرىتمە ياساپ ئۇنى مىكروبسىزلاندۇرۇلغان ئامپۇلغان قاچىلاپ ئىنتايىن تۆۋە نتېمپېراتۇرىدا (مەسىلەن، قۇرۇق مۇزلىتىلغان ئىپسىرت ئېرىتمىسىنى مۇزلاتقۇچى قىلىپ، تېمپېراتۇرىسىنى 70 سىلىتسىي گرادۇس قا چۈرۈش) تېز سۈرئەتتە توڭلىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، توڭلىتىلغان شۇ تېمپېراتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ ۋاكۇئوم بوشلۇقتا قۇرۇتۇلىدۇ، مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئامپۇلنى يالقۇندا ئېرىتىپ ھىملاپ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ياكى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ساقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەر خىل مىكرو ئورگانىزملارنى ساقلاشقا مۇۋاپىق، ساقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى يا؟خشى بولۇپ بىر قانچە يىل ھەتتا بىر قانچە ئون يىل ساقلىغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل بەلگىلىك ئۈسكۈنە شارائىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، مەشغۇلاتىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.