ۋ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە توققۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.[CRLF]«ۋ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە بېشىدىن كېلىدىغان شەكلى «ۋ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۋ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ۋې».[CRLF]«ۋ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن چىش-كالپۇك تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن يېرىم سوزۇق تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.[CRLF][CRLF]«ۋ» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى[CRLF][CRLF]1. بىرىنچى تەركىبى «م، ن» دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار ۋە سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى «ب» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان بىرىككەن سۆزلەردە، ئىككىنچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى ئىملادىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:[CRLF] ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]بەل + باغ = بەلۋاغ بەلۋاغ[CRLF]ئۈستى + باش = ئۈستىۋاش ئۈستىۋاش[CRLF]قۇش + بېگى = قۇشۋېگى قۇشۋېگى[CRLF]2. باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئەسلىدە «ۋ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر قىسىم سۆزلەر تەلەپپۇزدا ئومۇمەن «پ» تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، يېزىقتىمۇ «پ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئەسلى ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]ئارخىۋ ئارخىپ-ئارخىپى ئارخىپ-ئارخىپى[CRLF]كوپېراتېۋ كوپېراتىپ-كوپېراتىپى كوپېراتىپ-كوپېراتىپى[CRLF]3. «ئال، ئات ~ ئەت، ئىدى» ياردەمچى پېئىللىرى «پ» لىق رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا، رەۋىشداش تەركىبىدىكى بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «پ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ۋ» غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ ئېيتىلىدۇ. بۇ خىل فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئىملادا ھەم تەلەپپۇزدا نۆۋەتلەشكىنى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF] ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]يېزىپ + ئال يېزىۋال، يېزىۋېلىش يېزىۋال، يېزىۋېلىش[CRLF]تاشلاپ + ئەت تاشلىۋەت، تاشلىۋېتىش تاشلىۋەت، تاشلىۋېتىش[CRLF]4. «بەر» پېئىلى «ئا، ئە» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ داۋاملىق تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا، «بەر» پېئىلىنىڭ باش تەرىپىدىكى «ب» تاۋۇشى يېزىقتىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:[CRLF] ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]ياز + ا + بەر يېزىۋەر يېزىۋەر[CRLF]كەل + ە + بەر كېلىۋەر كېلىۋەر[CRLF]كۆر + ە + بەر كۆرىۋەر كۆرىۋەر[CRLF]5. رۇس تىلىدىن تىلىمىزغا كىرگەن فامىلىلەردىكى «وۋ، ىېۋ،ېىۋ» قوشۇمچىلىرىدىكى «ۋ» تاۋۇشى «ف» بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]تۇرگېنېۋ (ئەمەس) تۇرگېنېف[CRLF]ئوسمانوۋ (ئەمەس) ئوسمانوف[CRLF]6. «ئاخۇن، ئاكا، ئاچا» قاتارلىق سۆزلەر كىشى ئىسىملىرىگە قوشۇلۇپ كەلگەندە، تاۋۇشلاردا بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەلەپپۇزدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى «پ» تاۋۇشى «ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:[CRLF]ئىملاسى تەلەپپۇزى[CRLF]يۈسۈپ ئاكا يۈسۈۋاكا[CRLF]تالىپ ئاخۇن تالىۋا:خۇن