Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېز سۈرئەتلىك تىپ ۋە توغرا تىپ
پسىخولوگىيە
快速型与精确型
kuài sù xíng yǔ jīng què xíng
بۇ ئەقىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئىپادىسى. تېز سۈرئەتلىك تىپتىكىلەر شەيئىلەرنى سېزىپ ئىدراك قىلغاندا، سېزىپ ئىدراك قىلىش جەريانىنى تېز تاماملاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشتىن زېرىكىدۇ. ماتېرىيالنى كۆپىنچە ياخشى سېزىپ ئىدراك قىلمايلا، تۈرلۈك قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، توغرا تىپتىكىلەر كۆزەتكەندە، ئۆتكۈر ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار دائىم چوڭقۇر كۆزىتىپ پايدىلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.