UyghurMain Dictionary
تىزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. يىپقا ئۆتكۈزۈپ تىزىلغان نەرسە.
سۆزلەر ئالمىچىنىڭ ئاغزىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزماق مېغىزدەك تىزىلىپ چىقاتتى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، تىزىق ھالىتىدىكى مىقدارنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تىزماق مېغىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يىپ، سىم قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆتكۈزۈپ تىزىق ھالىتىگە كەلتۈرمەك.
ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى تۈۋرۈككە، بىر يىپقا تىزىلغان مىس داچەن ئېسىقلىق تۇراتتى.
كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنى قاتار، يانمۇيان قىلىپ مەلۇم تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرماق.
ئادەتتە سۈت ئالىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سۈت قاچىلىرىنى كەچتە ئۇنىڭ بوتكىسىنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويۇشىدىكەن.
تاللاپ، تۈزەشتۈرۈپ دەستە ھالىتىگە كەلتۈرمەك؛
سىڭلىم شۇ چاغ شادلىقتىن، سۆزلەپ كەتتى توختىماي: تىزدىم ئاكا، بۇ گۈلنى، باغ ئىچىدىن چارچىماي.
ھەربىرىنى مۇناسىپ، تېگىشلىك ئورۇنغا قويماق، جايلاشتۇرماق؛
ھەرپ تىزماق.
بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرىنى ئۆزلۈكسىز كەلتۈرمەك، جايلاشتۇرماق.
يائاللا قىزىم، شۇنچە گەپ - سۆزلەرنى تىزىپ چىققۇچە مېڭەڭ قانداقمۇ چىدىغاندۇ؟