UyghurMain Dictionary
تىزىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تىزماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدا گۈل ئۈستىدىكى ئۇششاق شەبنەم دانلىرىدەك تەر تامچىلىرى تىزىلىپ تۇراتتى.
<تىزماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
غېرىب بىلەن شاھى ئابباس ۋە نۆكەرلەر رولىنى ئالغان ئارتىسلار كۇلۇب ئالدىغا تىزىلىپ، خەلقنىڭ كۇلۇبقا كىرىۋېلىشىغا يول ھازىرلاپ بەردى.
كۆچمە. كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەك.
سابىرنىڭ كۆز ئالدىدىن نىياز قۇرباننىڭ بەش بارماقتەك ئېنىق بولغان تارىخى تىزىلىپ ئۆتتى.