UyghurMain Dictionary
تىز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
پۇتىنىڭ يوتا بىلەن پاقالچەك تۇتىشىپ تۇرىدىغان، پۈكۈلىدىغان يېرى.
تىزلىك، تىرلاپچا، تىزلىمەك.* تىز پۈكمەك.* دوستۇم ئىش تىزدا يېرىم.* ئۇنىڭ چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدۇ.* تىلىۋالغان تىزغا يەتمەس ( ماقال ).* كۆرپە سالسا تىز ئۇيۇلار، داستىخان سالسا يۈز ( ماقال ).* بېلىڭنى ئەگسەڭمۇ، تىزىڭنى پۈكمە ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تىزماق، تىزىش. 1. تۆشۈكلۈك نەرسىلەرنى بىرەر نەرسىگە ئۆتكۈزۈپ قاتار قىلماق.
تىزىق.* تىزماق.* مارجان تىزماق.
2. قاتار. يانمۇ يان تۇرغۇزماق. رەتكە تىزماق.* سەپكە تىزماق.
3. جاي _ جايىغا ياكى ئۈستى _ ئۈستىگە قويۇپ رەتلىمەك. كىتابلارنى جازىغا تىزماق.* چىنىلارنى تىزماق.* مېھمانغا ئۈستەل تىزماق.* ئۈستەلگە مەزە تىزماق.* لىمتاققا ئورۇن _ كۆرپە تىزماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تىز.
پۇتنىڭ تىزى.
3 - 170
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تېز، چاپسان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پۇتنىڭ پۈكۈلىدىغان، يوتا بىلەن شىراق تۇتاشقان جاينىڭ ئالدىنقى قىسمى.
بۇغراخان ئوڭ تىزىنى قوچقارنىڭ قورسىقىغا قويۇپ، تۇمشۇقىدىن تۇتۇپ بېشىنى كەينىگە قايرىدى.
ئىشتان، شىم قاتارلىقلارنىڭ تىزنى قاپلاپ تۇرغان قىسمى.
ئىشتاننىڭ تىزى يىرتىلىپ كەتتى.