UyghurMain Dictionary
تېئوكرىتوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 325 - 267) تېئوكرىت ياكى تېئوكرىتا دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان شائىرى. سىتسىلىيە ئارىلىدىكى چوڭ شەھەر سىراكۇز (بىر ئېيتىلىشىچە ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كوس ئارىلى) دا تۇغۇلغان. ئالېكساندرىيىگە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن بېرىپ، شائىر پىلېتا (كوس ئارىلىلىق كىشى) نى ئۇستاز تۇتقان، مىسىردا مەشھۇر شائىرغا ئايلىنىپ، پتولېمى خاندانلىقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. كېيىنرەك سىراكۇزگە قايتىپ كېلىپ (تېرران ھېرون Ⅱ تەختتىكى مەزگىل) يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. يېزا - قىشلاق غەزەللىرىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچى قاتارلىق ئاددىي ئەمگەكچىلەنى سيۇژىت قىلىپ، يېزا قىشلاقنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، دېقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلىگەن، شېئىرىي تۇيغۇسى، ياڭراق، چىن - تەسىرلىك. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 30 دەك ناخشا غەزەللىرى (<چوپان ناخشىسى> ناملىق شېئىرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ئۆزىنىڭ بولمىسا كېرەك) ۋە باشقا بەزى تەسىرلىك ئىبارە ۋە پارچىلىرى يېتىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ ناخشىلىرى كۆپرەك دوريانىلار دىئالىكت بىلەن يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئۇ، قەدىمكى يېزا - قىشلاق غەزەللىرىگە ئاساس سالغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قەدىمكى رىم ۋە كېيىنكى ياۋرۇپا ئەدەبىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.