Uyghur←ChineseMain Dictionary
تېئوفراستوس
دۇنيا تارىخى
提奥弗拉斯特
tí ào fú lā sī tè
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 371 - 287). قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. ئېگېي دېڭىزىنىڭ لېسبو ئارىلىدىكى ئېرېسۇستا تۇغۇلغان. ئافىناغا بېرىپ ئوقۇغان، دەسلەپتە پلاتوندىن تەلىم ئالغان. كېيىن ئارستوتېلنىڭ سادىق شاگىرتىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئارستوتېل ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن قالغان نەرسىلەرگە، جۈملىدىن نۇرغۇن كىتابلار ۋە قىممەتلىك قول يازمىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، <بىلىم بېغى>(لۇكېئون) نى باشقۇرغان ھەمدە ئارستوتېل بەرپا قىلغان <ئۆز ئەركىدىكىلەر ئىلمىي ئېقىمى> نى راۋاجلاندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 503 يىل ئىلگىرى ئافىنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، بىر قانچە يىلدىن كېيىن يەنە ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، دەرس ئۆتۈش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئافىنادا تەخمىنەن 305 يىل ئىلگىرى ئافىنا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، بىر قانچە يىلدىن كېيىن يەە ئافىناغا قايتىپ كېلىپ، دەرس ئۆتۈش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئافىنادا تەخمىنەن 35 يىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق كىشىلەرنى (جۈملىدىن ئاتاقلىق كومېدىيە يازغۇچى مېناندروسنى) يتىشتۈرۈپ چىققان. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئافىنالىقلار داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئافنالىقلار داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. پەلسەپىدە ئۇ ئارستوتېل سىستېمىسىغا ئاساسلانغان ھەمدە ئۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. يازغان ئەسەرلىرىنىڭ تولىسى يوقىلىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ساقلانغانلىرىدىن مۇھىملىرى: <مىجەز توغرىسىدا> ئوتتۇز پارچە قىسقا ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئادەمنىڭ مىجەزى ۋە ئاجىزلىقى شەرھلەنەەن، يەنە ئەخلاق پەلسەپىسىگە دائىر مەزمۇنلارمۇ بار؛ <ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسى> (10 بابلىق) ۋە <ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى> (6 بايلىق) تىن ئىبارەت ئىككى كىتاب ئارستوتېلنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا بوتانىكا سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىش سىنىقى دەپ قارالغان؛ يەنە <مېتافىزىكا> بايان قىلىنغان پارچىلارمۇ بار. ئۇنىڭ كىتاب ۋە قول يازمىلىرى شاگىرتى نېلېئوسقا مىراس قالغان.