Uyghur←ChineseMain Dictionary
تىئودور
دۇنيا تارىخى
狄奥多尔二世
dí ào duō ěr èr shì
(1818 - 1868) ئېفوپىيە ئىمپىراتورى (1855 - 1868). غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى كاۋارادا بىر قەبىلە باشلىقى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى تانا كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىنى ئۆزىگە بازا قىلىپ، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. 1855 - يىلى شۇئا پادىشاھلىقىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئۆزىنى ئېمپىراتور دەپ ئاتاپ، يۈز يىللىق <شاھزادىلەر يىغىلىق دەۋرى> گە خاتىمە بەرگەن. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ،باش ۋالىي قويۇپ، يەرلىك فېئودال كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرغان؛ چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەن؛ قوشۇننى رەتكە سېلىپ، كەسپىي ياللانما ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان؛ ياۋرۇپادىن قورال - ياراق سېتىۋېلىپ، ياۋرۇپالىقلارنى تېخنىكىلىققا تەكلىپ قىلغان. مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ناھايىتى ئاز ئۈنۈم بەرگەن. 1868 - يىلى 4 - ئايدا ئەنگىليەنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش ئارمىيسى ئېفىئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇ ماگدالا ئەتراپىدىكى ئاروگې جېڭىدە مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.