UyghurMain Dictionary
تىۋىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلار، بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدىكى يىپەكسىمان نەرسە.
<يۇڭ> ئادەمگە ئيېتىلمايدۇ، <تۈك> دېيىلىدۇ.
<تىۋىت> ئۆچكە، تۆگە يۇڭلىرىنىڭ ئەڭ يۇمشاق، نەپىس قىسمى، تارىۋېلىنىدۇ.
ئاۋسترالىيىدە بىر دېھقان ئۆيدە باققان بىر قويىدىن 29 كىلوگرام يۇڭ قىرقىۋالغان. يۇڭ تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 62 سانتىمېتىر ئىكەن. تۈكلۈك ئادەم - تۈكى چۈشۈپ كەتكەن تېرە. تۈك قايان ياتسا، شۇ يانغا سىلا. ئۆچكىنىڭ مويى كۆپ، بەڭگىنىڭ ئويى. تېكىنىڭ سۈتى بولمىغان بىلەن، تىۋىتى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھايۋانلارنىڭ تېنىنىڭ سىرتىغا ۋە بەزى ئەزالىرىنىڭ ئىچكى دىۋارىغا ئۈنگەن قىسقا ھەم يۇمشاق موي، تۈك.
ئۆچكە تىۋىتى. تۆگە تىۋىتى. ئاشقازان تىۋىتى. تىۋىت تارتماق.
توقۇلما بۇيۇملار يۈزىدە بىر قەۋەت بولىدىغان قىسقا، ئىنچىكە ۋە يۇمشاق كېلىدىغان تۈكسىمان تالا؛
تىۋىت شال.