UyghurMain Dictionary
تۇزكور
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ بەرگەن نان - تۇزىنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىقنى يەرگە ئۇرىدىغان.
مەن ئۇنى ئۆزۈم يېمەي - ئىچمەي ئون يىل باقتىم. ئۇ نانكور جانغا ئەسقاتمىدى. ئۇ تۇزكور ياخشىلىقنى بىلمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۇز + كور
سۈپەت
تىل ھا. ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغان، تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چاقىدىغان، يانكور.
ئېيتە، تۇزكور بۇزۇق. سەن نېمىنى بىلىسەن؟ * مەن ئېشىنى يەپ، قازىنىنى چاقىدىغان تۇزكورلاردىن ئەمەسمەن.