Chinese→UyghurMain Dictionary
土希战争
دۇنيا تارىخى
تۈركىيە - گرېتسىيە ئۇرۇشى
1897 - يىلى تۈركىيە بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كرىت ئارىلى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇل ھمىدە Ⅱ ئىمپېرىيە ئىچىدە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ، پان ئىسلامىزمنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەزگەن. 1896- يىلى، كرىت ئارىلىدا سۇلتانغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، قوزغىلاڭچىلار كرىت ئارىلى بىلەن گرېتسىيىنى قوشۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، گرېتسىيە بۇنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا، گرېتسىيە ئارمىيىسى كرىت ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بەرگەن. 4-ئايدا، تۈركىيە - گرېتسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. گرېتسىيە ئارمىيىسى فسارىيە ۋە ئېپېرۇستا كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. 1898-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستانبولدا كېلىشىم ئىمزالىغان: گرېتسىيە فسارىيىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن؛ تۈركىيە زوراۋانلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، كرىت ئارىلىنىڭ مەمۇرىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە كرىت ئارىلىدىكى تۈركىيە ئارمىيىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، بۇ ئارالنى ئاساسىي شەھەر - بازارلىرىنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە ۋە ئىتالىيە ئارمىيىلىرىنىڭ ئىگىلەپ تۇرۇشقا يول قويغان.