UyghurMain Dictionary
تۇتېنكامون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىر 81-سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1361 - 1352). ئەسلى ئىسمى تۇتېنكاتون، ئامېنخوتېپ Ⅳ نىڭ كۈيئوغلى ۋە ۋارىسى. ئامون كاھىنلىرى ۋە كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، سابىق پادىشاھ ئەختاتوننىڭ دىن ئىسلاھاتىنى توختىتىپ قويغان. پايتەختنى ئەختاتون (ھازىرقى تىل ئېل ئامارنا) دىن تېبېسقا كۆچۈرگەن، ئامون ئىبادەتخنانىسىنى قايتىدىن ياسىتىپ، تەڭرى ئامونغا چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى توتېنكامونغا ئۆزگەرتكەن، ئۇ <ئاموننىڭ نامايەندىسى> دېگەن مەنىدە. مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان ئامون نامايەندىسى دېگەن مەنىدە. مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان ئامون ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئامون ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئامون راھىبلىرى قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان. ئۇ كېسەلچان بولغاچقا بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن. 1922-يىلى تېبېس ئەتراپىدا، ئارخېئولوگ كارت ئۇنىڭ ئوغرىلانمىغان بېجىرىم قەبرىسىنى تاپقان. قەبرە ئىچىگە ئالتۇن تاۋۇت، فىرئەۋىننىڭ مۇمياسى ۋە نۇرغۇن گۆھەر كۆمۈلگەن؛ ھازىر قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.