Uyghur←ChineseMain Dictionary
تۇتموس
دۇنيا تارىخى
图特摩斯三世
tú tè mó sī sān shì
قەدىمكى مىسىردىكى 18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 1504-1450).تەخىتكە چىققاندىن كىيىنكى 20 يىل ئىچىدە ئايال پادىشاھ خاتشىپېسۇت بىلەن بىللە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېىن ،كۆپ قىتىم سىرىتقا قارىتا ئىش قوزىغان .پەلەستىن بىلەن سۈرىيىگەئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ 17 قېتىم قۇشۇن تارتىپ ،مېگىددو قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغان ،ئېفرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىلون، ئاسسۇرىيە ۋە خېتت ھۆكۈمرانلىرىنى مىسىرغا خىراج تۆلەشكە مەجبۇر قىلغان. يەنە لىۋىيە، نۇبىيە ۋە سىپرۇس ئارىلى قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغان. زېمىنىنى شىمالدا سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغىچە كېڭەيتىپ، مىسىر (يېڭى پادىشھلىق) نى غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى قۇدرەتلىك ھەربىي ئىمپېرىيىگە ئايلاندۇرغان. كۆپلىگەن ئۇرۇش غەنىمەتلىرى، قۇللار ۋە يەرلەرنى ئامون ئىبادەتخانىسى ھەم باشقا چوڭ ئەمەلدارلارغا ھەدىيە قىلىپ، روھانىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇق كۈچىنى ئۆستۈرۈپ قويغان. تېبېستىكى ئامون ئىبادەتخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان، نوبىيىدىمۇ ئىبادەتخانىلارنى ياساتقان، تاشقى سودا ۋە ئالاقىنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل قەدىمكى مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە دەۋر ھېسابلىنىدۇ.